مەھسۇلاتلار

مەھسۇلاتلار

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئاساسلىق يۇمشاق دېتال ئېچىش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە خەت نۇسخىسى لايىھەلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، كەڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خۇسۇسىي كارخانا ۋە شەخسلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئائىلە ۋە ئىشخانىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتلار

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاساسەن ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بازارغا يۈزلەندۈردى ۋە ئىزچىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Home and Office products
  • ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7
  • ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0
  • ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە)
  • ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە)
  • ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە)
  • ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0 (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە)

كارخانىغا يۈزلەنگەن مەھسۇلاتلار

(1) ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈن كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنىمۇ لايىھەلىدى ۋە ئىشلەپچىقاردى.

Radio CMS
  • ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى

بۇ يۇمشاق دېتالدا مۇخبىرلارنىڭ ماقال يېزىش، تەھرىرلەش ۋە يوللاش ئىقتىدارى؛ مۇھەررىرلەرنىڭ قايتا تەھرىرلەش، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە خىزمەت مىقدارىنى خاتىرىلەش ئىقتىدارى؛ نازارەتچىلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن پىروگراممىلارغا ماقالە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپىنى بېكىتىش؛ باش نازارەتچىلەرنىڭ تەستىقلاش؛ دىكتور ۋە رىياسەتچىلەرنىڭ ماقالىلەرنى كۆرۈش ۋە ئوقۇش ئىقتىدارىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ماقالىلەرنى خالىغانچە ئىزدەش ۋە بېسىپ چىقىرىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جايلاردىكى ئىختىيارى مۇخبىرلارنىڭ يىراقتىن ماقالە يوللاش ئىقتىدارى بار.

بۇ دېتال ئىنتېرنېت ۋە ئىدارە ئىچىدىكى دائىرىلىك تورنى زىچ بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رادىيو ئىستانسىسىلىرى «ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ماقالە سۈپىتى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەمگەك سىجىللىقىنى ئازايتىپ، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

«ئۇيغۇرسوفت ماقالە» سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم خېرىدارلار

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى (101.7 ئۇنىۋېرسال چاستوتا)
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى (107.4 سەنئەت چاستوتىسى)
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قازاقچە ئاڭلىتىشى (ئۇنىۋېرسال چاستوتا)
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قىرغىزچە ئاڭلىتىشى (ئۇنىۋېرسال چاستوتا)
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى (90.6 ئۇنىۋېرسال چاستوتا)

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يەنە «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»، «جۇڭگو قازاقچە رادىيو تورى»نى لايىھەلىدى.

  • يۈك-تاق باشقۇرۇش سىستېمىسى

بۇ يۇمشاق دېتال ئۈرۈمچى ئۈچتاش لوقمان (تاللا بازىرى) تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ياسالغان بولۇپ، مال كىرگۈزۈش، مال تارقىتىش، مال سۈرۈشتە قىلىش، تېلېفوندا ئاپتوماتىك ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق مۇھىم بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. دائىرىلىك كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، Microsoft SQL Server ساندان ئىشلىتىلگەن.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈك-تاقلارنى تىزىملاش، سۈرۈشتە قىلىش، ساقلاش ھەققى يىغىش، شوپۇرلارغا ھەق تارقىتىش قاتارلىق كۈندىلىك كىرىم-چىقىم ھېساباتلىرىنى نۇقسانسىز ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خېرىدارلارغا كومپيۇتېر ئارقىلىق (ئادەمسىز) ئاپتوماتىك ئۇقتۇرۇش قىلىش، مال سۈرۈشتە ئاپپاراتى، خېرىدارلار كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەش قاتارلىق قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن ئىقتىدارى، بۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە.


يەرلىكلەشتۈرۈلگەن تۈرلەر

ئۇيغۇرسوفت يەنە يۇمشاق دېتاللارنى يەرلىكلەشتۈرۈش (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش) مۇلازىمىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

Corporate products
  • ئامېرىكا مىكروسوفت Windows 8/8.1/10 مەشغۇلات سىستېمىسى
  • ئامېرىكا مىكروسوفت Outlook ئېلېكتىرونلۇق خەت سىستېمىسى
  • ئامېرىكا مىكروسوفت OneDrive بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقى
  • ئامېرىكا مىكروسوفت «Windows دۇكىنى»
  • ئامېرىكا مىكروسوفت Xbox ئويۇن سۇپىسى
  • ئامېرىكا مىكروسوفتنىڭ رەسىم ئاپپارات، كىنو-تېلېۋىزىيە،...قاتارلىق 30 غا يېقىن ئەپلىرى
  • يېزا ئىگىلىك بانكىسى قوش تىللىق ھېسابات تېلېفونى
  • يېزا ئىگىلىك بانكىسى قوش تىللىق ATM سىستېمىسى
  • سودا-سانائەت بانكىسى قوش تىللىق ATM سىستېمىسى
  • سىملىق تېلېۋىزىيە قوبۇللاش  ئاپپاراتى قوش تىللىق سىستېمىسى
  • ئايرودۇرۇم كۆپ تىللىق رادىيو  ئاڭلىتىش يۇمشاق دېتالى

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى مىكروسوفت، سەئۇدىسوفت (Saudisoft)، لوگرۇس (Logrus)، موراۋىيا (Moravia)، ...قاتارلىق دۇنياۋى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.