ھەققىدە

ئۇيغۇرسوفت ھەققىدە

ئۇيغۇرسوفت − دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئېچىش، يەرلىكلەشتۈرۈش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدۇ. ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 1998-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچسى ئالىم ئەھەت.

ئۇيغۇرسوفت 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتاللىرى، ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش قورالى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كۆپ تىللىق لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە قورالى قاتارلىق تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىپ ھەقسىز تارقاتتى ۋە مەھسۇلاتلاشتۇرۇپ بازارغا يۈزلەندۈردى. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، ئىدارە-ئورگان ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن مەخسۇس قوللىنىشچان كەسپىي دېتاللارنى ئىشلەپچىقاردى. بانكا، ئايرودروم، رادىيو-تېلېۋىزىيە،...قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى يەرلىكلەشتۈردى.

شىركىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى، تېخنىكىلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ھۆكۈمەت، بانكا، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ۋە تېلېگراف ساھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىپ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. شىركىتىمىز يەنە Windows ۋە باشقا 30 غا يېقىن قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈردى، 6000 دىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئېلان قىلدى، شۇنداقلا يەنە كومپيۇتېر، يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھىم ئۆلچەملەرنى بىرلىككە كەلتۈردى.

شىركىتىمىزنىڭ ئاساسىي مۇلازىمىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئېچىش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە باشقا تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، بىزنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن، يەرلىك كارخانىلاردىنمۇ مۇھىم خېرىدارلىرىمىز بار، مەسىلەن: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، ئايرودۇرۇم قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاۋام ئىستېمال بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئەلكاتىپ، كوررېكتورى، لۇغەت قاتارلىق مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرىمىز بار.

شىركىتىمىزنىڭ نىشانى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ۋە باشقا خادىملىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ نىشانى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

ئالىم ئەھەت ھەققىدە

ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى.

ئالىم ئەھەت 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1980-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شايار ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ ۋە 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1991-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1996-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، چوڭ مەلۇمات ۋە ئۇچۇر قېزىشتا ئىنژېنېرلىق كەسپكارلىق سالاھىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقات يۆنىلىشى تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، ... قاتارلىق تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلىگەن، ھەقسىز تارقاتقان ۋە مەھسۇلاتلاشتۇرۇپ بازارغا يۈزلەندۈرگەن.

1997-يىلى 6-ئايدا، ئالىم ئەھەت ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» دېگەن كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلغان بۇ كىتابتا ئۇچۇر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك 1000 جۈملە، 3000 غا يېقىن سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان.

ئالىم ئەھەت 17 يېشىدىلا كومپيۇتېر پىروگراممىسى يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 25 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۇ ++C/C قاتارلىق نۇرغۇن پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى قول سېلىپ نۇرغۇن ئەمەلىي مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ بازارغا يۈزلەندۈرگەن. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەنى 24 يېشىدا) «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئالىم ئەھەت 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر كىشى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2012-يىلى 12-ئايدا، مىكروسوفت Windows قاتارلىق 30 غا يېقىن يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرگەن، 6000 غا يېقىن كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

ئالىم ئەھەت 2015-يىلى 9-ئايدا تېڭشۈن تورىدا «ئالىم ئەھەت تېڭشۈن دەرسخانىسى»(alim.ke.qq.com)نى قۇرۇپ، پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى سۆزلەپ كەلمەكتە.

2008-يىلى 11-ئايدا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سانىدا تونۇشتۇرۇلدى.

(شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىسىدا) شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «پەن ۋە مائارىپ »، «مەدەنىيەت بوستانى»، «ئىقتىساد كۆزنىكى»،....قاتارلىق پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئالىم ئەھەت بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدا نۇرغۇن زىيارەت ۋە سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.