مۇلازىمەتلىرىمىز > خەت نۇسخىسى

خەت نۇسخىسى

ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، چېكىتلىك خەت نۇسخىسى، ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسى، Truetype خەت نۇسخىسىنى ياساپ مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان. 1998-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ، Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە «ئەلكاتىپ» كىرگۈزگۈچىنى ياساپ بازارغا سالغان. «ئەلكاتىپ» ۋە ئۇنىڭ خەت نۇسخىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن، ئائىلىلەرگىچە تارقالغان بولۇپ، ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالغا ئايلاندى.

رادىيو-تېلېۋىزىيە، بانكا، ئاخبارات-نەشرىيات، قاتناش، مەكتەپ ئورۇنلىرى، ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىدا بولسۇن ياكى ئادەتتىكى دۇكان-ساراي ۋېۋىسكىلىرىدا بولسۇن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالىنىڭ خەت نۇسخىلىرىنى كۆرەلەيسىز. ھەتتا بەزى ئىدارە-ئورگانلار يۇقىرى-تۆۋەندىن باشلاپ «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشكە بىرلىككە كەلتۈردى.

«ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» خەت نۇسخىلىرى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەردىن باشقا يەنە قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەرپ-بەلگىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن خەت نۇسخىلىرى تۆۋەندىكىدەك:


ئۈلگە نامى
ALKATIP
ALKATIP Tor
ALKATIP Tor Tom
ALKATIP Basma
ALKATIP Basma Tom
ALKATIP Kitab
ALKATIP Kitab Tom
ALKATIP Kufi
ALKATIP Talik

«ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ» خەت نۇسخىلىرىنىڭ قوللىنىشى

ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى

  • جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پۇل تۆلەش ئۈسكۈنىلىرى (智付通)
  • ش  ئۇ  ئا ر رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئائىلىلەردىكى سىملىق تېلېۋىزىيە قوبۇللاش قۇتىسى (تەخمىنەن 100,000 گە بارىدۇ)
  • جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ھېسابات ئاغدۇرۇش تېلېفون ئۈسكۈنىلىرى (تەخمىنەن 10,000 دىن ئاشىدۇ)
  • جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ATM ئۈسكۈنىلىرى (تەخمىنەن 1,000 غا يېقىن)
  • جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ATM ئۈسكۈنىلىرى (تەخمىنەن 1,000 غا يېقىن)
  • ...

تور بېكەتلەر

  • جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى (ئايلىق زىيارەت 10 مىليونغا بارىدۇ)
  • جۇڭگو قازاقچە رادىيو تورى (ئايلىق زىيارەت 1 مىليونغا بارىدۇ)
  • ئۇيغۇرچە خەلق تورى (ئايلىق زىيارەت 3 مىليونغا بارىدۇ)
  • ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە تورى (ئايلىق زىيارەت 3 مىليونغا بارىدۇ)
  • شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
  • بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانا ۋە شەخسلەر قۇرغان تور بېكەتلەر
  • ...

ژۇرناللار

  • «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تەڭرىتاغ»، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»، «شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسى»،... قاتارلىق تىراژى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان 20 نەچچىدىن ئارتۇق مۇنتىزىم ژۇرناللار.