مۇلازىمەتلىرىمىز > يەرلىكلەشتۈرۈش

يەرلىكلەشتۈرۈش

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق ئەمما ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ،ئۇ شۇ دېتالدىكى بارلىق ئېكران ئۇچۇرلىرىنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىشتەك ئاددىي جەريان بولۇپلا قالماستىن، يەنە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقا نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىش ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى يۇمشاق دېتال تۈزۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۆز ئانا تىلغا پىششىق بولغان يەرلىك مىللەت خادىملىرى تاماملايدۇ.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى قۇرۇلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئېچىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئەمەلىي كۈچ ھاسىل قىلغان. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى خادىملار يۇمشاق دېتال لايىھەلەشتىن باشقا يەنە ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولۇپ، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تىللارنى پۇختا بىلىدۇ. مۇشۇ ساھەدىكى كەسىپداشلار ۋە تىلشۇناسلار بىلەن قويۇق ئىلمىي ئالاقە ئورناتقان.

شىركەت قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت 1997-يىلى 6-ئايدا «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» دېگەن كىتابنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، تۇنجى بولۇپ ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە 3000 سۆز-ئىبارە، ئاتالغۇ ۋە 1000 جۈملىنى قېلىپلاشتۇرۇپ چىققان. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە مىليون سۆزلۈك لۇغەت يۇمشاق دېتالىنى لايىھەلەپ چىققان. ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئىستاتىستىكا قورالىنى ياساپ چىققان. يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىي بويىچە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە. قىسقىسى، ئالىم ئەھەت ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن پۇختا ئاساس سالغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىرسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئېگەللەيدۇ. ئۇيغۇر تىل-يېزىقى شىنجاڭدا ھۆكۈمەت بېكىتكەن مۇھىم يېزىق بولۇپ، ئۇ ئاخبارات، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ناۋادا، ئۆز مەھسۇلاتلىرىڭىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان بۇ دۆلەتتە شۇنداقلا ئەڭ چوڭ ئۆلكىدە بازار ئېچىشنى ئويلىسىڭىز، بىز سۈپەت بىلەن ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتايىن مۇۋاپىق باھادا سىز ئۈچۈن ئەلا خىزمەت قىلىمىز.

يەرلىكلەشتۈرگەن (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان) تۈرلىرىمىز

  • Microsoft Windows 8/8.1/10
  • Microsoft Outlook
  • Microsoft OneDrive
  • Microsoft XBox
  • Microsoft نىڭ Groove, TV & Movie،...قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق باشقا ئەپلەر
  • Windows 8/8.1/10 تەرجىمە ئۇسلۇب يېتەكچىسى؛ ئاتالغۇ ئامبىرى؛ ئارايۈز جۈملە تەرجىمىسى؛ ھۆججەت، دوكۇمېنتلار
  • ...

ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز

  • Microsoft
  • Saudisoft
  • Logrus
  • Moravia
  • جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى
  • جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى
  • شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى
  • مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى
  • خەنۋاڭ
  • بېيدا فاڭجېڭ
  • شەرقىي جەنۇبىي ئۇنىۋېرسىتېتى گۇرۇھى
  • ...