مۇلازىمەتلىرىمىز > يۇمشاق دېتال لايىھەلەش

يۇمشاق دېتال لايىھەلەش

ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال لايىھەلەش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش بولۇپ، 17 يىلدىن بۇيان مۇشۇ نىشانى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى، كىرگۈزگۈچ، ئىملا تەكشۈرگۈچ ۋە كۆپ تىللىق لۇغەت قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىش، سېتىش ۋە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر قىسىم ھەل قىلىش چارىلىرى مەركەز ۋە شىنجاڭدىكى رادىيو ئىستانسىسى، بانكا، ئايرودۇرۇم ،...ۋە بىر قىسىم خۇسۇسىي كارخانىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپ ئېھتىياجى ئۈچۈن يۇمشاق دېتاللارنىمۇ لايىھەلەپ نۇرغۇن تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتالمۇ پەيدىنپەي ئىدارە-ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال بازىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئالىم ئەھەت ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى بارلىق خادىملار ئۆزلىرىنىڭ نىشانى ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە...