ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 7.0

 


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 7.0» (يەتتە تىللىق لۇغەت)نىڭ سۆزلۈك مىقدارى زىيادە مول بولۇپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»دىكى بارلىق ئىملا ۋە تەرجىمە خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى، خەنزۇچە-قازاقچە ۋە خەنزۇچە-قىرغىزچە قوش يۆنىلىشلىك لۇغەت قوشۇلدى، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان پەيدا بولغان ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا قېلىپلاشقان ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. بۇ لۇغەت USB ئېغىزلىق يۇمشاق دېتال قارانچۇقى بىلەن ئىشلەيدىغان بولۇپ، تورسىز مۇھىتتا Windows قاچىلانغان خالىغان كومپيۇتېرلاردا چەكلىمىسىز قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017-4-25
ئىشلەش مۇھىتى: نەشرى Windows 7/8/10, 32 & 64 bit
 
  • سېلىشتۇرما
  • ئېكران كۆرۈنۈشى
  • ئىقتىدارى
  • ئومۇمىي چۈشەنچە

  • ئىدارە-ئورگان نۇسخىسى
    ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 7.0 (كۆپ تىللىق)
    شەخسلەر نۇسخىسى
    ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 (ئۈچ تىللىق)
    ئىقتىدارلار
    ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تىل تۈرى
    3 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە 2 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە سۆزلۈك مىقدارى
    يۇمشاق دېتال قارانچۇقى (تورسىز مۇھىتتا خالىغان كومپيۇتېردا چەكلىمىسىز قاچىلاپ، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ) ئىنتېرنېت (تورغا ئۇلانغان خالىغان كومپيۇتېردا يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ) قاچىلاش چەكلىمىسى
    750 يۈەن 360 يۈەن باھاسى
    شەخسلەر نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز، پەقەت شەخس نامىدا تالۇن بېرىلىدۇ. ئىدارە-ئورگان ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، شەخسلەر نۇسخىسى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» خالىغان نۇسخىسىنى سېتىۋالغان خېرىدارلار ئۈچ ئاي ئىچىدە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 7.0» كەسپىي نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچى بولسا، ئىلگىرىكى مەھسۇلاتنىڭ پۇلى ھېسابلىنىپ، پەقەت كەم قىسمىنى تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ، مەسىلەن: تۆت تىللىق 220 يۈەنلىك «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالغان بولسىڭىز، لۇغىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئېتىبار باھاسى 580 يۈەن بولۇپ، يەنە 220 يۈەن ئېتىبار قىلىنىپ، 360 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز  
  • تىل تۈرى كۆپ، سۆزلۈك مىقدارى مول، ئىزدەش يۆنىلىشى نۇرغۇن.

    ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە لۇغەت قوشۇلدى، سۆزلۈك مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ.

    لۇغەت ئايرىمىسى، كەسىپ تۈرلىرى، مەنا تەرتىپى ۋە لۇغەت تەرتىپى

    سۆزلەرنىڭ ھەر قايسى لۇغەتلەردىكى ئورنىغا ئاساسەن لۇغەت ئايرىمىسى، كەسىپ تۈرلىرى بېرىلدى، سۆزلەر مەنا تەرتىپى بويىچە ئاساسىي مەنىسى ئالدىغا كۆچمە مەنىسى ئارقىغا تىزىلدى. لۇغەتتىن ئىزدەش تەرتىپىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدىغان بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

    ئىزدەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، ئىزدەش سۈرئىتى تېز

    ئىزدەش يۆنىلىشىنى ئالماشتۇرۇش ياكى تاللاش ھاجەتسىز بولۇپ، قانداقلا سۆز كىرگۈزۈڭ ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، سىز بېكىتكەن لۇغەت ئىزدەش تەرتىپى بويىچە ئىزدەيدۇ. ھەتتا خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزسىڭىزمۇ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىگە. خەنزۇچە بۇشۇلار ۋە پىنيىن بويىچە ئىزدەش ھالىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، خەنزۇچە تاق خەت يان بۆلەك ۋە سىزىق سانى بويىچە تېخىمۇ ئېنىق ئايرىلدى. لۇغەتكە يەنە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ سىڭدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىم قاچىلىمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.

    خەنزۇچە ھەقىقىي تەلەپپۇز

    خەنزۇچە سۆز-ئىبارىلەرنىڭ (ھەقىقىي ئادەم) تەلەپپۇزى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى. ماشىنا ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمە ئاۋاز ئەمەس.

    ئېكراندىن سۆز تۇتۇش

    ئېكراندىن كۆپ تىللىق سۆز تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە سۆزلەرنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    تۈرلەر بويىچە ئىزدەش

    تۈرلەر بويىچە ئىزدەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    قوشۇمچە قوراللار

    قوشۇمچە قوراللاردىن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما دىيالوگ، بىر قىسىم قانۇنلارنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى، بىرلىك ئالماشتۇرۇش، ئاپتوبۇس لىنيەىسى، مىلادىيە ۋە ھىجرىيە يىلنامىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تەمىنلەنگەن بولۇپ، يەنە لۇغەت قوشۇمچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى؛ ئېلىمىز تارىخىدىكى سۇلالىلەر؛ 24 مەۋسۇم؛ خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى؛ شىنجاڭدىكى يېزىدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ پوچتا ۋە تېلېفون رايون نومۇرى؛ دائىم ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون نومۇرى؛ جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر؛ مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى ھېيت-بايراملار؛ تىنىش بەلگىلەر؛ دائىم ئىشلىتىدىغان سانلارنىڭ ئوقۇلۇشى؛ 12 مۈچەل جەدۋىلى؛ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەر مەيدانى، ئاھالىسى، پايتەختى، پۇلى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى

    خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە ئارايۈز تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.

    باشقىلار

    يۇمشاق دېتال قارانچۇقى سەپلەنگەن بولۇپ، خالىغان كومپيۇتېردا خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيسىز.

  • «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىگە 90-يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نوپۇزلۇق لۇغەتلەردىن جەمئىي 3 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى مول، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش قولاي. كومپيۇتېر جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، ھەر قايسى مۇھىم تىل ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقىڭىزنى يېڭىشتە قابىل ياردەمچىڭىز ۋە ياخشى ئۇستازىڭىز بولالايدۇ.