مەھسۇلاتلار> كوررېكتور

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 8.0

 


قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلانغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017-7-1
ئىشلەش مۇھىتى: Windows 7/8/10, 32 & 64 bit
  • سېلىشتۇرما
  • ئېكران كۆرۈنۈشى
  • ئىقتىدارى
  • ئومۇمىي چۈشەنچە
  • 8.0
    7.0
       
    450 مىڭ 450 مىڭ ئاساسىي سۆزلۈك سۆزلۈك مىقدارى
    8 مىليون 2 مىليون قوشۇمچە سۆزلۈك
    بار (تېز) بار قائىدە ئامبىرى
    بار (تېز) بار ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
    بار (ياخشىلانغان) بار ئىملا توغرىلاش
    بار (450 مىڭ سۆزلۈك) بار (49 مىڭ سۆزلۈك) ئاپتوماتىك توغرىلاش
    بار (تۈپ سۆز ۋە تۈرلىنىشى) بار (تۈپ سۆز لۇغىتى) ئىملا لۇغىتى باشقىلار
    قارانچۇق (ئەلكاتىپ) قارانچۇق ئىشلىتىش چەكلىمىسى
    2880 يۈەن 1880 يۈەن باھاسى
    شەخسلەر نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز، پەقەت شەخس نامىدا تالۇن بېرىلىدۇ. ئىدارە-ئورگان ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، شەخسلەر نۇسخىسى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
  • ئاساسىي سۆزلۈك مۇكەممەل، كەسپىي ئاتالغۇلار مول

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن. ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 250 مىڭغا يېتىدۇ.

    ئاساسىي سۆزلۈك ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشىدىن تۈزۈلگەن قوشۇمچە قائىدە ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 8 مىليون سۆزلۈك دائىرىسى ئىچىدە ئىملا تەكشۈرەلەيدۇ.

    ئىملا تەكشۈرۈش ئىنتايىن تېز

    گەرچە سۆزلۈك ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 800-1000 سۆز (ياكى بىر بەت) دىن يۇقىرى. تاق سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم، ئارتۇق ياكى ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ بەلگە سېلىپ بېرىدۇ.

    ئىملا تۈزىتىش قولايلىق

    ئىملا تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەلۇم بىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا، گۇمانلىق سۆز دەپ قارايدۇ ھەمدە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر نەچچە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان توغرا سۆزنى تاللاپ بەرسەك بولىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندە، توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ.

    سۆزلۈك لۇغىتى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلاردىن تۈزۈلگەن لۇغەت تەمىنلەنگەن بولۇپ، تۈپ سۆزلەرنى خالىغانچە ئىزدىيەلەيسىز.

  • «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ تۇنجى نۇسخىسى 2000-يىلى 6-ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، كومپيۇتېر ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى چۈشىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باستى. ھازىرغا قەدەر كەسىپتە پىشقان بىر قىسىم كوررېكتور، تەھرىرلەرنىڭ نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىندى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئوڭايلا ئىملا تەكشۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدۇ.

    گەرچە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى پېشقەدەم كەسپىي كوررېكتورنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈنلەي قىلالمىسىمۇ، پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلىدىغان ئەنئەنىۋى جەريانلارنى ئاددىيلاشتۇرۇپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن تېجەپ بېرەلەيدۇ. باشقا تىللاردا تۇنجى كوررېكتورلۇقنى كومپيۇتېر ياردىمىدە قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان.

    ئەمەلىيەتتە بۇ يۇمشاق دېتال ئاخبارات-نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ. مەيلى سىز كىتاب-ژۇرنال نەشر قىلىڭ ياكى توردىكى مۇنبەر، بىلوگلاردا ماقالە ئېلان قىلىڭ ئوخشاشلا زۆرۈر بولىدۇ.

    «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى ئۆلچەملىك، كەسپىي ۋە كارخانا نۇسخىسى دەپ ئايرىلغان بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى، ئىقتىدارى ۋە باھاسى پەرقلىنىدۇ. ئىشلىتىش ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.