ھەققىدە > ئالىم ئەھەت

ئالىم ئەھەت ھەققىدە

ئالىم ئەھەت، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، يۇمشاق دېتال ئىجادىيەتچىسى.

picture

ئالىم ئەھەت 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1980-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شايار ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ ۋە 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1991-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، 1996-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپىدە ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، چوڭ مەلۇمات ۋە ئۇچۇر قېزىشتا ئىنژېنېرلىق كەسپكارلىق سالاھىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقات يۆنىلىشى تەبىئىي تىلنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، ... قاتارلىق تىل-يېزىققا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى لايىھەلىگەن، ھەقسىز تارقاتقان ۋە مەھسۇلاتلاشتۇرۇپ بازارغا يۈزلەندۈرگەن.

1997-يىلى 6-ئايدا، ئالىم ئەھەت ئاكىسى ياسىن ئەھەت بىلەن ھەمكارلىشىپ «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى» دېگەن كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلغان بۇ كىتابتا ئۇچۇر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك 1000 جۈملە، 3000 غا يېقىن سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇنى ئېلان قىلغان.

ئالىم ئەھەت 17 يېشىدىلا كومپيۇتېر پىروگراممىسى يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 25 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۇ ++C/C قاتارلىق نۇرغۇن پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى قول سېلىپ نۇرغۇن ئەمەلىي مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ بازارغا يۈزلەندۈرگەن. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى (يەنى 24 يېشىدا) «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرۇپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئالىم ئەھەت 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. ئۇ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر كىشى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭدىكى «جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى»، «جۇڭگو ياشلار گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ پەخرى، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھازىرقى دەۋردە يېڭىلىق ياراتقان مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 2012-يىلى 12-ئايدا، مىكروسوفت Windows قاتارلىق 30 غا يېقىن يۇمشاق دېتاللارنى ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەرلىكلەشتۈرگەن، 6000 غا يېقىن كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

ئالىم ئەھەت 2015-يىلى 9-ئايدا تېڭشۈن تورىدا «ئالىم ئەھەت تېڭشۈن دەرسخانىسى»(alim.ke.qq.com)نى قۇرۇپ، پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى سۆزلەپ كەلمەكتە.

(شەندۇڭ جىنەن شەھىرىدە مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمى)

2008-يىلى 11-ئايدا، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدە 10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

(شىنجاڭ ياشلىرى مۇقاۋىسىدا)

«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 1-سانىدا تونۇشتۇرۇلدى.

(شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىسىدا)

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «بۈگۈنكى سۆھبەت»، «كۆڭۈلدىكى سۆز»، «پەن ۋە مائارىپ »، «مەدەنىيەت بوستانى»، «ئىقتىساد كۆزنىكى»،....قاتارلىق پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئالىم ئەھەت بىلەن كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدا نۇرغۇن زىيارەت ۋە سۆھبەتنى ئېلىپ باردى.