中文  English

  باش بەت ئۇيغۇرسوفت ھەققىدە خەۋەرلەر مەھسۇلاتلىرىمىز چۈشۈرۈش   سېتىۋېلىش   مۇلازىمىتىمىز

 

 

سېتىۋېلىش

 

60 نوپۇزلۇق لۇغەت، 90 كەسىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن،

ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە كۆپ يۆنىلىشلىك ئاۋازلىق لۇغەت

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (تۆت تىللىق نۇسخىسى)

باھاسى: 220 يۈەن (بىر يىل ئىچىدە ئىككى كومپيۇتېرغا تەكرار قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)

 

 

50 نوپۇزلۇق لۇغەت، 80 كەسىپ، 3 مىليونغا يېقىن سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن،

ئىنگلىزچە-خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە كۆپ يۆنىلىشلىك ئاۋازلىق لۇغەت

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئۈچ تىللىق نۇسخىسى)

باھاسى: 180 يۈەن (بىر يىل ئىچىدە ئىككى كومپيۇتېرغا تەكرار قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)

 

 

2 مىليونغا يېقىن سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن

خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۆنىلىشلىك ئاۋازلىق لۇغەت

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» (ئىككى تىللىق نۇسخىسى)

باھاسى: 100 يۈەن (بىر يىل ئىچىدە ئىككى كومپيۇتېرغا تەكرار قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ)

 

 

جايلاردىكى سېتىش ئورۇنلىرى

 

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدا سېتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە

 

قارامايدىن شەھىرىدىن

نۇرئەخمەت (قارا ئالتۇن كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى)

13999520670

ئاقسۇ شەھىرىدىن

 ئاقسۇ شەھەرلىك شىنخۇا كىتابخانىسى (ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتاللىرى)

 

كۇچا ناھىيىسىدىن

ھەبىبۇللا (سادا كومپيۇتېرى)

13565687773

توقسۇ ناھىيىسىدىن

ئېلىجان

13345350123

شايار ناھىيىسىدىن

ئۆمەرجان

13119973377

قەشقەر شەھىرىدىن

نۇرمەمەت

13279827788
13999647788

مەكىت ناھىيىسى

ئىلھام

13657508013
7888889

خوتەن شەھىرىدىن

ئەخمەتجان (چېۋەر قول ئېلېكترونى)

13899464901
0903-2032724

يەكەن ناھىيىسىدىن

 ئىمىنجان ئىستىقبال كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى

0998-8520053
13579061406

 

 

باشقا ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردىن داۋاملىق ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىمىز.

 

پۇل ئەۋەتىش ئۇسۇلى

 

 

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى

 

95599 8089 02715 62518

 

جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى

9558 8230 0200 2616364

 

 

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بانكىسى

4367 4245 4001 8847 139

 

 

جۇڭگو خەلق بانكىسى

5184 7665 0088 4724

 

يۇقىرىدىكى بارلىق كارتىنىڭ ئىگىسى: 阿力木艾海提

 

ناۋادا، ئىدارە-ئورگانلارغا توپ ئالماقچى بولسىڭىز، شىركىتىمىز ھېساب ئاچقان بانكىغا پۇل ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

中国建设银行新疆支行直属营业部
6500 1610 1000 5000 0775

 

ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ.

(1) يۇقىرىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىغا پۇل ئەۋەتىڭ.

(2) دەرھال شىركىتىمىزگە تېلېفۇن قىلىپ (2813300، 2839871-0991) مۇناسىۋەتلىك خادىمنى ئىزدەڭ.

(3) ئىسمىڭىز، ئادرېسىڭىز ۋە تېلېفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇڭ ۋە قايسى شەھەردىن پۇل سالغانلىقىنى ئەسكەرتىڭ.

(4) بىز تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، سىزگە مالنى شۇ كۈنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. ئاندىن سىزگە تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. ناۋادا، تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئەۋەتىپ بېرىمىز. شۇ كۈنى تىزىملاپ ئىشلىتەلەيسىز.

ئىزاھات: ئەۋەتىلگەن مالنى نورمال ئەھۋالدا 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە تاپشۇرۇپ ئالالايسىز.

 

 

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

 

 

شىركەت نامى: ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتى

پوچتا نومۇرى: 830002

ئادرېس: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر (ئۇيغۇرسوفت سېتىش ئورنى)

تېلېفون:

 (0991)2839871,2813300

 

خېرىدارلاردىن سوئال-جاۋاب

 

1-سوئال: مەن «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋالسام كۆپ كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولامدۇ؟ ناۋادا، كومپيۇتېرىمدا چاتاق چىقىپ، قاتتىق دىسكىنى رايونغا بۆلۈپ ۋە فورماتلاپ، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىسام يەنە ئىشلەمدۇ؟

جاۋاب:  «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»دىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز، مۇلازىمەت نومۇرىدىن بىرسى تەمىنلىنىدۇ، ئادەتتە بىر مۇلازىمەت نومۇرى ئارقىلىق پەقەت بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما، بىر يىل ئىچىدە كومپيۇتېرىڭىزدىن چاتاق چىقىپ يېڭى كومپيۇتېر سېتىۋالغان بولسىڭىز ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات (سېتىۋالغاندا بېرىلىگەن ھۆججەت ياكى تالۇن)نى كۆرسىتىپ (ياكى E-Mail ئارقىلىق ئەۋەتىپ) قايتا نومۇر تەلەپ قىلسىڭىز يەنە بىر قېتىم يېڭى نومۇر تەمىنلەپ بېرىلىدۇ، شۇڭا، ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ، ئۈچىنچى كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولمايدۇ.

بۇ لۇغەت قاتتىق دىسكىنىڭ زاۋۇتتىن چىققان بىردىنبىر تەرتىپ نومۇرىنى ئۆزىگە مەخپىي نومۇر قىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ نومۇر تەكرارلانمايدۇ، قاتتىق دىسكىنى رايونغا بۆلسىڭىزمۇ، فورماتلىسىڭىزمۇ، ھەتتا تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلىسىڭىزمۇ قاتتىق دىسكىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولىغا زاۋۇت تەرەپتىن يېزىلغان بۇ نومۇر ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسى ئالماشتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، تەكرار قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 

2-سوئال: مەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋېلىشىم ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئىنگلىزچە Windows دا نورمال ئىشلىتەلەمدىم؟

جاۋاب: دۆلەت ئىچىدە تۇرۇشلۇق بىرەر ئۇرۇق-تۇغقىنىڭىز سىز ئۈچۈن ۋاكالىتەن پۇل تاپشۇرسا (بانكا كارتىسى ئارقىلىق بولسىمۇ بولىدۇ)، بىز شۇ كۈنىلا سىزگە توردىن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ۋە مۇلازىمەت نومۇرىنى E-Mail ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىمىز. سىز توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر نومۇرىنى بىزگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، بىز سىزگە قاچىلاش نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىمىز. ئادەتتە پۇل تاپشۇرغان شۇ كۈنىلا ئىشلىتەلەيسىز.

ئىنگلىزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، تۈرۈكچە ۋە خەنزۇچە Windows XP /VISTA دا نورمال ئىشلەيدۇ، پەقەت خەنزۇچە خەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، «كونترول تاختىسى»دىن «دۆلەت ۋە رايونلار»غا كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن «تىل-يېزىق»نى تاللاپ «يىراق شەرقىي ئاسىيا تىللىرى»نى قاچىلاش دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

 

3-سوئال: مەن ئۈچ يىل بۇرۇن «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005»نى سېتىۋالغان ئىدىم، ئۆتكەن يىلى ئىككى تىللىق «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»نى ھەقسىز يېڭىلىدىم، مەن ئەمدى داۋاملىق ئىككى تىللىق «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»گە ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەمدىم؟ ناۋادا، ئۈچ تىللىق لۇغەت ياكى تۆت تىللىق لۇغەتكە ئېھتىياجلىق بولسام نەچچە پۇل تاپشۇرىمەن؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! ئەينى ۋاقىتتا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2005»نىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدا: بىر يىل ئىچىدە كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتقا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىشكە بولىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، بىز ئىككى يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئىككى تىللىق «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»نى سىزگە ھەقسىز يېڭىلاپ بەردۇق. ئۈچ تىللىق «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007» گە ئېھتىياجلىق بولغان كونا خېرىدارلار ئۈچۈن پەقەت 80 يۈەن ئېلىپ يېڭىلاپ بەردۇق. شۇڭا، ئەمدى داۋاملىق «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»گە يېڭىلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ناۋادا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»گە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، قايتىدىن سېتىۋالىسىز.

 

4-سوئال: مەن «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى سېتىۋالسام، ئائىلىگە كېلىپ قاچىلاپ، ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويامسىلەر؟

جاۋاب: «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئاددىي بولۇپ، ناۋادا، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدە ئائىلىگە كېلىپ مۇلازىمەت تەلەپ قىلسىڭىز، ئايرىم ھەق ئېلىنىدۇ. ئەمما، مۇلازىمەت دائىرىسى پەقەت «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

 

5-سوئال: «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نى سېتىۋالسا، قانداق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىدۇ؟

جاۋاب: قانۇنلۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇيغۇرسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(1) بىر يىل ئىچىدە تېلېفون 2813300، 2839871 ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش مۇلازىمىتى.

(2) تور بېكىتى http://www.uighursoft.com ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش مۇلازىمىتى.

(3) بىر يىل ئىچىدە سىستېما ئىقتىدارى ۋە سۆزلۈك ئامبىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، تور ئارقىلىق ھەقسىز يېڭىلاش مۇلازىمىتى.

(4) كېيىنكى ئەۋلاد مەھسۇلاتقا ئېتىبار باھادا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى.

 

 ئىزاھات: ناۋادا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»نى سېتىۋالغان بولسىڭىز، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىلىدۇ، ئەمما، مەيلى قايسى نەشىردىكى لۇغەت بولسۇن، بىرلا مۇلازىمەت نومۇرىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم تىزىملاش نومۇرى بېرىلىدىغان بولغاچقا، گەرچە يېڭى لۇغەتنى توردىن چۈشۈرۈپ ھەقسىز يېڭىلىغان بولسىڭىزمۇ، ئىلگىرىكى نومۇر ئوخشاشلا كۈچكە ئېگە بولىدۇ، قايتا نومۇر تەلەپ قىلىش ھاجەتسىز، ئەمما، ھەرگىزمۇ كونا-يېڭى نەشىردىكى لۇغەتلەرنى جەمئىي تۆت كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ناۋادا، Windows VISTAغا قاچىلىسىڭىز، باشقا نومۇر ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت سىزگە يەنە باشقا يېڭى نومۇر تەمىنلەپ بېرىدۇ، ئەمما، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزگە تەۋە ئىككى كومپيۇتېرغا قاچىلاش تامامەن ئاخىرلىشىدۇ، ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

 

 

 

 


ئادرېسى

ئادرېسى: ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر (ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى)
تېلېفون: 2813300، 2839871(0991)  ئېلخەت:
alim.ahat@gmail.com

سىز 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان قەدەم تەشرىپ قىلغان -مېھمان (بۈگۈنكى زىيارەت: 3721 )